Uyghurئاساسىي لۇغەت
برۇتۇس
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 85 - 42) قەدىمكى رىم سىياسىئونى، جۇمھۇرىيەتچى. ئاتاقلىق ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇنىڭ ئەجدادى پادىشاھ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇمھۇرىيەت قۇرغۇچى مەشھۇر ليوسئۇس يونىئئۇس برۇتۇ ئىكەن. كائېسار بىلەن پومىپېئىسۇس <ئىچكى ئۇرۇش> قوزغىغان مەزگىلىدە، ئۇ پومپېئىسۇسنى قوللىغان. فارىسالۇس ئۇرۇشى (مىلادىدىن 48 يىل ئىلگىرى) دىن كېيىن كائېسارنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشىپ، دوست بولغان. مىلادىدىن 46-يىل ئىلگىرى تاغنىڭ جەنۇبىدىكى گاللىيىنىڭ باش ۋالىيسى بولغان. مىلادىدىن 44 يىل ئىلگىرى شەھەرنىڭ چوڭ پراتورى بولغان. كائېسارنىڭ مۇستەبىتلىكىگە قارشى تۇرۇپ، جۇمھۇرىيەت ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى نىيەت قىلغان. ،مىلادىدىن 44 يىل ئىلگىرى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى كاسسىئۇس قاتارلىق بىر تۈركۈم ئادەملەر بىلەن بىرلىكتە سىنات زالىدا كائېسارنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلىگەن. كاسسىئۇس قاتارلىقلار بىلەن بىرگە گرېتسىيىگە قېچىپ بېرىپ، كائېسارنىڭ ۋارىسچىلىرىغا قارشى تۇرۇشقا تەييارلانغان. مىلادىدىن 42 يىل ئىلگىرى فىلىپپى (ماكېدونىيىدە) ئۇرۇشىدا ئوكتاۋىئۇس - ئانتونىئۇس بىرلەشمە ئارمىيىسىدىن يېڭىلىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. يازغان ئەسەرلىرى بار، ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغىنى پەقەت سىسېرو بىلەن يېزىشقان خەتلىرىدىنلا ئىبارەت