Uyghurئاساسىي لۇغەت
برۇسې
دۇنيا تارىخى
(1) جامېس برۇسې (1730 - 1794) ئەنگلىيىلىك مۇستەملىكىچى، ئېكسپېدىتسىيىچى. 1763 - 1765-يىللىرى ئالجىرىيىدە تۇرۇشلۇق كونسۇل بولغان. 1768-يىلى مىسىرغا بېرىپ نىل دەرياسىنىڭ مەنبەسىنى ئىزدىگەن. 1770-يىلى 2-ئايدا گۇندارغا بارغان. 11-ئاينىڭ 14-كۈنى تانا كۆلىگە يېتىپ بېرىپ، كۆك نىل دەرياسىنىڭ باشلانغان جايىنى تاپقان. كېيىن چېكىنىپ قورۇقىدا تۇرۇپ ساياھەت خاتىرىسى يازغان. ئۇنىڭ <نىل دەرياسىنىڭ مەنبەسىنى تېپىش ساياھىتى> ناملىق ئەسىرى بار. (2) پائۇل برۇسسې (1844 - 1912). فرانسىيە ئۇششاق بۇرژۇئا سوتسىيالىزمچىسى، مۇمكىنچىلەرنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. دوختۇر بولغان، ياش ۋاقىتلىرىدا سوتسىيالىزمنى تەرغىپ قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، ھۆكۈمەتسىزلەرگە مەنسۇپ بولغان. بىرىنچى ئىنتېرناتسىئۇنالنىڭ ئەزاسى. 1871-يىلى پارىژ كوممۇنىسى ئىنقىلابىغا قاتناشقان، ئىنقىلاپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن چەت ئەللەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرۈپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىسپانىيە، شۋېتسىيە ۋە ئەنگلىيىلەردە تۇرغان. باكۇنىننىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ھۆكۈمەتسىزلەر تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. كەچۈرۈم قىلىنغاندىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ، 1880-يىلى فرانسىيە ئىشچىلار پارتىيىسىگە ئەزا بولغان. دەسلىپىدە لافارگ بىلەن گېدىنىڭ ئېتىقادچىسى بولغان. 1882-يىلى ئۇلار بىلەن ئادا - جۇدا بولۇپ، مۇمكىنچىلەرنىڭ (ئىنقىلابىي سوتسىيالىزمچى ئىشچىلار پارتىيىسى) رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان. بۇرژۇئازىيىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان سىنىپىي كۈرەشتىن ۋاز كېچىشنى تەرغىپ قىلىپ، <مۇمكىن> دائىرىدىلا ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان. 1890-يىلى، <سوتسىيالىزمچى ئەمگەكچىلەر ئىتتىپاقى> بۆلۈنۈپ كەتكەندىن كېيىن، يەنىلا مەزكۇر ئىتتىپانىڭ كاتتىبېشى بولغان. لېكىن ئۇنىڭ تەسىرى تەدرىجىي يوقالغان. 1905-يىلى فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە ئەزا بولغان. لېكىن ئۇنىڭ تەسىرى تەدرىجىي يوقالغان. 1905-يىلى فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە ئەزا بولغان. 1906-يىلى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان.