Uyghurئاساسىي لۇغەت
بىر مىڭ سەككىز يۈز يەتمىش ئالتىنچى يىلدىكى بۇلغارىيە ئاپرىل قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
بۇلغارىيە خەلقىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان مىللىي قوزغىلىڭى. 1875-يىلنىڭ ئاخىرى، بولغارىيىدىكى ھەرقايسى ئىنقىلابىي تەشكىلاتلار رومىنىيىنىڭ گىيۇرگىيۇ شەھىرىدە يېڭى بۇلغارىيە ئىنقىلابىي مەركىزىي كومىتېتىنى قۇرۇپ، ئىككىنچى يىلى دۆلەت ئىچىدە زور قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى، پۈتۈن مەملىكەتنى تۆت ئىنقىلابىي رايونغا بۆلۈپ، پىلوۋدىۋنى قوزغىلاڭنىڭ مەركىزى قىلىشنى قارارقىلغان. 1876-يىلى 20-ئاپرېل كۈنى تۆتىنچى ئىنقىلابىي رايون كوپرىۋىستىتسادا قوزغىلاڭ پارتلاپ، تۈركىيە ھۆكۈمەت ئورگىنىنى ئىشغال قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاغدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. قوزغىلاڭ مەزكۇر رايوندىكى نۇرغۇنلىغان شەھەرقىشلاق ۋە كەنتلەرگە تېز سۈرئەتتە كېڭەيگەن. ئەمما قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھەربىي قورال ياراق ئەسلىھەلىرى يېتەرسىز بولغانلىقتىن، تۈركىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن باستۇرۇۋېتىلگەن. باشقا ھەرقايسى ئىنقىلابىي رايونلاردىكى قوزغىلاڭلارمۇ دائىرىسىنىڭ كىچىكلىكى، ھەرىكىتىنىڭ تارقاقلىقى تۈپەيلىدىن ئاخىر 5-ئاينىڭ 20-كۈنى مەغلۇپ بولغان. لېكىن قوزغىلاڭ تۈركىيىنىڭ بۇلغارىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا ئېغىر زەربە بەرگەن.