Uyghurئاساسىي لۇغەت
بىركا خارابىسى
دۇنيا تارىخى
شۋېتسىيە دېڭىزقاراقچىلىرى شەھىرىنىڭ خارابىسى. شۋېتسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى مالارېن كۆلى بىئولكىن ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمال قىرغىقىغا جايلاشقان. 1872-1895-يىللىرى تەكشۈرۈلگەن، خارابىنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 2.5 كىلومېتىر؛ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 8.1 مېتىر، كەڭلىكى 6-12 مېتىر كېلىدىغان سېپىل ئوراپ تۇرىدۇ،ئالتە كىرىش چىقىش ئېغىزى بار. تەخمىنەن مىلادى 800-يىللىرى سېلىنغان. ئەسلىدە سېپىليوق بولۇپ، Ⅹئەسىرگە كەلگەندىلا، سېپىل ئىچىگە ئېلىنغان. روسىيە بىلەن سودا قىلىش ئارقىلىق، تېرە، شەرقىنىڭ كۈمۈشتىن ئىشلەنگەن بۇيۇملىرى، يىپەك توقۇلمىلار، غەربىي ياۋرۇپانىڭ تۇز ۋە رەخت سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان. بالتىق دېڭىزىنىڭ بويىدا، خېدېبى بىلەن بىللە، ئىنتايىن مۇھىم سودا پونكىتى بولۇپ قالغان. قېزىش ئارقىلىق مىلادى 900-يىللار ئەتراپىدىكى تۇرنىڭ خارابىسى ئىكەنلىكى مۇقىملاشتۇرۇلغان. مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلەر تۇرغان تام ئۆيلەر تېپىلغان، قىلىچ، نەيزە،يائوقىنىڭ بېشى قاتارلىق قوراللارنى ۋە ئەرەنچە كىيىملەرنىڭ پارچىلىرى قاتارلىقلارنى قېزىپ چىققان. لېكىن ئاياللار بۇيۇملىرى تېپىلمىغان.