Uyghurئاساسىي لۇغەت
بريۇسسېل شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
<ئەنگلىيە، فرانسىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، ليۇكسېمبۇرگ شەرتنامىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىكىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن غەربىي ياۋروپادىكى بەش دۆلەت تۈزۈشكەن ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى 1948-يىل 3-ئاينڭ 17-كۈنى ئەنگلىيە، فرانسىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، ليۇكسېمبۇرگلارنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بېلگىيە پايتەختى بريۇسسېلدا ئىمزالىغان. ئۇنىڭدا: خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى ساقلاش ھەمدە ھەرقانداق تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇشتا ئۆزئارا ياردەم بېرىش، گېرمانىيىدە تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتى قايتا تىكىلگىنىدە ئۇنىڭغا قارشى زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىش؛ شەرتلەشكەن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ھەم ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش؛ شەرتنامىنىڭ ئىجرائىيە ئاپپاراتى سۈپىتىدە مەسلىھەت كېڭىشى تەسىس قىلىش، دەپ بەلگىلەنگەن. 1948-يىل 8-ئاينىڭ 52-كۈنى شەرتنامە كۈچكە ئىگە بولغاندا شەرتنامە تەشكىلاتى قۇرۇلغان. 1950-يىلى 12-ئايدا، شەرتنامە تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي ئىشلار ئورگىنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قوشۇلغان. 1954-يىلى 10-ئايدا، ئىمزالانغان <پارىژ كېلىشىمى> دە بۇ شەرتنامىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ، فېدېراتىپ گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيە قوبۇل قىلىنغان. 1955-يىل 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، بريۇسسېل شەرتنامىسى تەشكىلاtىنىڭ نامى غەربىي ياۋروپا ئىتتىپاقىغا رەسمىي ئۆزگەرتىلگەن.