Uyghurئاساسىي لۇغەت
بريۇسوۋ
دۇنيا تارىخى
(1873 - 1924) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى شائىر. باي سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئىلگىرى يازغان شېئىرلىرى مىستىزم كەيپىياتى بىلەن توشقان. 1905-يىلى ئىنقىلاب ھارپىسىدا رېئاللىققا يۈزلىنىپ، بۇرژۇئازىيە مەدەنىيىتىنىڭ مۇقەررەر يوقىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن، ئىنقىلابقا خەيرخاھلىق قىلىدىغان <كەلگۈسىدىكى ھۇنلار>، <تاشچى> ۋە <خەنجەر> قاتارلىق شېئىرلارنى يازغان. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، يەنى 1919-يىلى بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە كىرگەن، 1921-يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىيات سەنئەت شۆيۈەنىگە رەھبەرلىك قىلغان. <زىيالىي يولداشلارغا>، <ئۈچىنچى كۆز> ۋە <لېنىن> قاتارلىق شېئىرلارنى يازغان. شېئىر توغرىسىدا بەزى ماقالىلەرنىمۇ يازغان.