Uyghurئاساسىي لۇغەت
براززا
دۇنيا تارىخى
(1852 - 1905) فرانسىيىلىك مۇستەملىكىچى، ئېكسپېدىتسىيىچى. ئىتالىيىدە تۇغۇلغان. كېيىن فرانسىيىگە ئوقۇشقا بارغان. 1874-يىلى فرانسىيە تەۋەلىكىگە ئۆتكەن ھەمدە دېڭىز ئارمىيىسىگە قاتناشقان. 1875-يىلى فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن ئافرىقىدىكى ئوگوئۇۋ دەرياسىنى كېزىپ تەكشۈرۈشكە بارغان.1879-يىلى ئافرىقىغا قايتا بېرىپ، ئوگوئۇۋ دەرياسىنى بويلاپ كونگوغا كىرگەن، ئالدامچىلىق ۋاسىتىسىنى ئىشلىتىپ، يەرلىك باتېكلارنىڭ ئاقساقىلى ماكوكونى شەرتنامە ئىمزالاشقا كۆندۈرۈپ، مەزكۇر رايونىنىڭ <قوغداش ھوقۇقى> نى قولغا كەلتۈرۈپ، براززاۋىللېنى مۇستەملىكە بازىسى قىلىپ قۇرۇپ، سىتېنلى بىلەن كونگو دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنى مۇستەملىكە قىلىشنى تالىشىش كۈرىشىنى ئېلىپ بارغان. 1883-يىلى ئافرىقىغا يەنە بېرىپ، فرانسىيىگە قارام كونگو (بۈگۈنكى كونگو خەلق جۇمھۇرىيىتىنى) قۇرغان. 1886 - 1898-يىللىرى مەزكۇر رايوننىڭ ئەڭ ئالىي ۋالىيىسى بولۇپ، دەھشەتلىك مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزگەن.