Uyghurئاساسىي لۇغەت
براگا
دۇنيا تارىخى
(1843 - 1924) پورتۇگالىيە زۇڭتۇڭى (1915)، ئەدەبىي تارىخشۇناس، يازغۇچى ھەم پوزىتىۋىزملىق پەيلاسوپ. كوئىمبرا داشۆسىنىڭ قانۇن كەسپىدە ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن ۋ ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان. جۇمھۇرىيەت ھەرىكىتىنىڭ داھىيلىرىدىن بىرى بولغان. پورتۇگالىيىنىڭ پادىشاھلىق تۈزۈمى ئاغدۇرۇپ تاشلانغاندىن كېيىن 1910 - 1191-يىللىرى جۇمھۇرىيەتنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت باشلىقى بولغان. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ⅩⅨ ئەسىر فرانسىيە ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، خەلق ئاممىسىغا ھېسداشلىق قىلغانم مۇھىم ئەسەرلىرىدىن: <بوكاگې، ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئەدەبىي پائالىيىتى>، <پورتۇگالىيە ئەدەبىيات تارىخى>، <پورتۇگالىيە رومانتىزم تارىخى>، <كاررېن ۋە ئۇنىڭ رومانتىزملىق دراملىرى> قاتارلىقلار بار.