Uyghurئاساسىي لۇغەت
بوزۋېلى
دۇنيا تارىخى
(1785 - 1848). بۇلغارىيىدىكى چېركاۋ ئاپتونومىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبەلىرىدىن بىرى، يازغۇچى. 1839-يىلى تىرنوۋودىكى گرېتسىيىلىك ئارخېئېپىسكوپقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئارخېئېپىسكوپلۇققا سايلانغان. كونستانتىنوپولدىكى باش ئېپىسكوپنىڭ تۆھمەت چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىشىغا ئۇچراپ،1841-يىلى تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، ھىلىندار موناستىرىغا سۈرگۈن قىلىنغان. 1844-يىلى قېچىپ چىقىپ، كونستانتىنوپولدا گرېتسىيىلىك يۇقىرى قاتلام مىسىئونېرلىرىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ، بۇلغارىيىدىكى ھەرقايسى دىن رايونلىرىنىڭ ئارخېئېپىسكوپلۇقىنى بۇلغارىيىلىكلەر ئۈستىگە ئېلىشنى، كونستانتىنوپولېدا چېركاۋ ۋەكىلى تۇرغۇزۇشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، نەتىجىسى بولمىغان. ئۇ تۈركىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئاندس تېغىغا سۈرگۈن قىلىنىپ، ئۆلگىچە شۇ يەردە تۇرغان.