Uyghurئاساسىي لۇغەت
بوزەكنى تاپسام بۇرنىغا يىپ ساپسام
دائىرە: ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەربۇ، ياۋاش، ئاجىز، بىچارىلەرنى تاپقاندا ئۇلارنى بۇردا قىلىپ، ھىيلە - مىكىر بىلەن نەپ ئالمىسا قانائەت قىلمايدىغان مەككار، ئالدامچىلارنىڭ خۇي - پەيلىنى بىلدۈرىدۇ: - سېنى ئالدىغان ئېرىنى ئۇرغۇزماي، ئەجەب سېنى ئۇرغۇزىدىكەنا! بوزەكنى تاپسام بۇرنىغا يىپ ساپسام بوپتۇ - دە، - دېدى بەختىخان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.