Uyghurئاساسىي لۇغەت
بوستانلىق
يەر يۈزى قىياپىتى
چەكسىز كەتكەن قۇملۇقلاردا، كىشىلەر بەزىدە ئۇ يەر، بۇ يەردە توپ - توپ ئۆسكەن ئوت - چۆپلىرى، سايە تاشلاپ تۇرغان دەرەخلىرى، شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان بۇلاق سۇلىرى بولغان، شۇنداقلا توپ - توپ كالا - قوي پادىلىرى ئوتلاپ يۈرگەن بوستانلىقلارنى ئۇچرىتىدۇ، ئۇ خۇددى بىپايان قۇملۇق دېڭىزىدىكى يېشىل ئارالغا ئوخشايدۇ، يەنى ئۇ چۆللۈكتىكى بىردىنبىر يېشىل جاي ھېسابلىنىدۇ.
بوستانلىقلار ئادەتتە چوڭ دەريالار ئېقىپ ئۆتىدىغان ياكى يەر ئاستى سۈيى چىقىدىغان يەلپۈگۈچسىمان لاتقا دۆۋىلەنمىسى بەلۋېغىنىڭ چەتلىرىگە، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئېگىز تاغلاردىكى قار - مۇزلار ئېرىگەندىن كېيىن ئېقىپ ئۆتىدىغان تاغ ئېتىكى رايونىغىمۇ جايلاشقان. بوستانلىقلاردا سۇ مەنبەسى يېتەرلىك بولۇپ، ئىقلىمى مۇۋاپىق، تۇپرىقى مۇنبەت، زىرائەت ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈش شارائىتى ياخشى بولىدۇ. بولۇپمۇ ياز پەسلىدە ئېگىز تاغلاردىكى قار - مۇزلار ئېرىگەندە، قار سۇلىرى بوستانلىقلارغا ئۈزلۈكسىز ئېقىپ كىرىپ، بوستانلىقلارنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.
بوستانلىقلارنىڭ كۆلىمى ئادەتتە ئانچە چوڭ بولمايدۇ، بەزى چوڭراق بوستانلىقلار يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلغان ۋە نوپۇس مەركەزلەشكەن ئاھالىلەر رايونىدىن ئىبارەت. ئېلىمىزدە تەڭرىتېغى بىلەن چىليەنشەن تېغىنىڭ ئېتىكىگە بوستانلىقلار تارقالغان. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بولغان سەھرايى كەبىر قۇملۇقىدىمۇ مەنزىرىسى ئۆزگىچە بولغان بوستانلىقلار بار. بۇ جايلاردا ئوخچۇپ چىققان بۇلاق سۇلىرى يىغىلىپ سۈپسۈزۈك كىچىك ئېرىقلارنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىككى قىرغاقتىكى يەرلەرنى سۇغىرىدۇ، يوغان چىلان دەرەخلىرى چەكسىز كەتكەن قاقاسلىقلارنى ئاندا - ساندا يېشىللىق بىلەن بېزەپ تۇرىدۇ. كىشىلەر قاقاسلىقتىكى بۇ مۇنبەت يەرگە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەپ، ئۇنى قۇملۇقتىكى »مەرۋايىت« دەپ ئاتىغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
باغۇبوستانلار بىلەن قاپلانغان ئاۋات يەر.
تارىم بوستانلىقى.