Uyghurئاساسىي لۇغەت
بوسنىيە گېرتسېگوۋىنا قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
1875-يىلى بوسنىيە ۋە گېرتسېگوۋىنا خەلقىنىڭ تۈركىيىنىڭ فېئوداللىق زۇلىمىغا ۋە مىللىي ئاسارەتكە قارشى قوزغىلىڭى. قوزغىلاڭغا دېھقانلار، شەھەر قول سانائەتچىلىرى، سودا بۇرژۇئازىيىسى ۋە زىيالىيلار قاتناشقان. يەرنى دېھقانلارغا تەقسىم قىلىش، دۆلەت سىياسىتىنى دېموكراتىيىلەشتۈرۈش، بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا بىلەن سېربىيە ۋە مونتېنېگرۇلارنىڭ بىرلىشىشىى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇ يىلى 10-ئايدا قوزغىلاڭچىلار گلادىسكادا ئازادلىق باش كومىتېتىنى قۇرغان. 1876-يىلى 6-ئايدا سېربىيە ۋە مونتېنېگرونىڭ تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇشى پارتلىغان، 11-ئايدا ئۇرۇش توختىغاندىن كېيىن قوزغىلاڭ يەنە داۋاملىق تەرەققىي قىلغان. 1877-يىلى روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشى پارتلاپ قوزغىلاڭچىلار كۆپ قېتىم كۈرەش قىلغان، شۇ يىلى 8-ئايدا قوراللىق قوزغىلاڭچىلارنىڭ زور بىر تارمىقى بوسنىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدا تۈركىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن تارماق رقىلىنغان. 1878-يىلى بېرلىن يىغىنىدا بوسنىيە ۋە گېرتسېگوۋىنانىڭ ئاۋستىريە ھەم ۋېنگرىيە ئارمىيىسنىڭ ئىشغال قىلىشى قارار قىلىنغان.