Uyghurئاساسىي لۇغەت
بېنتىنك
دۇنيا تارىخى
(1774 - 1839) ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىسى، ھىندىستاننىڭ باش ۋالىيىسى (1833 - 1835). 1803 - 1807 - يىللىرى مادراس ئۆلكىسىنى ۋالىيىسى بولغان. كېيىن ئىسپانىيە ۋە سىتسىلىيە ئارىلىغا ئەۋەتىلگەن. سىتسىلىيە پادىشاھىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن. 1815-يىلى ئىتالىيىدىن چاقىرتىۋېلىنغان. 1828 - 1833 - يىللىرى بېنگالنىڭ باش ۋالىيىسى بولغان. ھىندىستاننىڭ باش ۋالىيىسى بولغان مەزگىلىدە ئۇرۇش سىياسىتىنى تىنچلىق بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ئۆزگەرتكەن، بومباي ۋە مادراستىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باشقۇرۇش رايونى باشلىقىنىڭ مۇستەقىل ھالدا قانۇن تۈزۈپ ئېلان قىلىش ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلىغان؛ باج كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، كومرۇك - ئۆتكەللەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئەپيۇن سودىسىنى كەڭ يولغا قويغان؛ مائاش - كىرىمى تۆۋەن بولغان ھىندىستانلىق ئەمەلدارلارنى يۇقىرى مەنسەپلەرگە تەيىنلەشكە يول قويغان؛ تۇل خوتۇنلارنىڭ ئوتتا ئۆلۈۋېلىش تۈزۈمىنى بىكار قىلغان؛ قاراقچىلارنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرغان؛ ياۋروپا مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، مەكتەپ ئاچقان، 1935-يىلى كالكوتتاردا ھىندىستاندىكى تۇنجى مېدىتسىنا ئىنستىتۇتىنى قۇرغان. ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، مۇستەملىكىچى ھۆكۈمرانلىق ئاپپاراتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرگەن.