Uyghurئاساسىي لۇغەت
بېلىنىڭ تۆۋىنىگە سۇيۇقئاش بارمىغان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش ھەرىكىتى، يۈرۈش - تۇرۇشى سۇس، گەپ - سۆزى جايىدا ئەمەس، قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان كىشى.
لامزەللە ئەردىن كەسكىن خوتۇن ئەلا. لايغەزەلدىن لاي ياخشى. بوشاڭ بېشىنى يەر. بېزەك ئادەمنى بەزدۈرىدۇ. لاتىغىلاپ ئادەم - غىلاپ بەندىسى. بىلىنىڭ تۆۋىنىگە سۇيۇقئاش بارمىغان ئۇ نىمىدىن ئۈمىد يوق. سېنىڭ ئۇ نېمەڭ ئاغزىدىن گېپى چۈشۈپ قالىدىغان ئادەم ئىكەن.
دائىرە: ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەرئىرادىسى ئاجىز، كۈچسىز، لامزەللە، بوشاڭ، ھورۇن: - قوي ئۇنى، ئۇ بېلىنىڭ تۆۋىنىگە سۇيۇقئاش بارمىغان بىر نېمە، - دېدى شاڭيو دورغىسىغا كايىپ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.