Uyghurئاساسىي لۇغەت
بىلىمپەرەسلەر جەمئىيىتى
دۇنيا تارىخى
بۇ شەپقەتىچىلەر جەمئىيىتى، ئاق كۆڭۈللەر جەمئىيىتى ۋە شاپائەتچىلەر جەمئىيىتى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. ھىندۇنېزىيىدىكى تۇنجى مىللەتپەرۋەر سىياسىي تەشكىلات. 1908-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى قۇرۇلغان (كېيىن بۇ كۈن ھىندۇنېزىيە مىللىتىنىڭ ئويغىنىش بايرىمى قىلىپ بېكىتىلگەن). ئۇنىڭ ئاساسچىسى دوختۇر ۋاھىدىن (1857 - 1917). بۇ جەمئىيەت ياۋامىللىتىنىڭ ئۆم - ئىتتىپاق بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان، يېزا ئىگىلىك، سانائەت ۋە سودىنى راۋاجلاندۇرۇشنى، ياۋا سەنئىتى ۋە ئىلىم - پەننى گۈللەندۈرۈشنى، ياۋالاردىن مەمۇرىي ئورگانلاردا ۋەزىپە ئۆتىگۈچىلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلغان. 1909-يىلى جەمئىيەت ئەزالىرى كۆپىيىپ ئون مىڭغا يەتكەن، ئۇلار ئاساسەن ئاقسۆڭەكلەر ۋە غەرب تەربىيىسىنى ئالغان زىيالىيلار. 1918-يىلى گوللاندىيە - ھىندۇنېزىيە مۇستەملىكە ھۆكۈمىتىنىڭ <مىللىي پارلامېنتى> غا قاتناشقان. گوللاندىيىنىڭ مۇستەملىكچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارىتا ئىسلاھاتچىلىق مەيدانىنى تۇتقان. 1935-يىلى باشقا بىرنەچچە بۇرژۇئا پارتىيىلىرى بىلەن بۈيۈك ھىندۇنېزىيە پارتىيىسى بولۇپ بىرلەشكەن.