Uyghurئاساسىي لۇغەت
بىلىملەر
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
«دەئۋەتۇل ئىسلام» مۇ دېيىلىدۇ. بۇ جۇڭگودىكى ئاخۇنۇملار تاللاپ تۈزگەن ئوقۇشلۇق بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئىپىتىدائىي مەدرىسە شاگىرتلىرى ۋە مۇسۇلمانلار ئاممىسى دىنىي بىلىملەرنى ئۆگىنىدۇ. ئاساسىي مەزمۇنى نىيەت كەلىمىسى، تەرەت ئېلىش، ناماز ئوقۇشنىڭ ئاساسىي شەرتلىرى ۋە قائىدىلىرى؛ روزا تۇتۇش، قۇربانلىق قىلىش، مېيىت ئۇزىتىش ۋە دىنىي ئەقىدە، ئىمان قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەدرىسە تەربىيسىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا «خەتمە قۇرئان» نى، «دەئۋتۇل ئىسلام» نى پىششىق يادلاش، ئەرەبچە ئوقۇشنى ئۆگىنىش مەدرىسە پۈتتۈرۈشنىڭ ئۆلچىمى قىلىنىدۇ.