Uyghurئاساسىي لۇغەت
بېكىنى ۋەقەسى
دۇنيا تارىخى
فۇكۇمارۇ ياكى كۇبۇياما ۋەقەسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1954-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنى ئامېرىكا تېنچ ئوكياندىكى بىكىنى ئارىلى (مارشال تاقىم ئاراللىرىنىڭ شىمالىي بۇرجىكى) ئەتراپىدا ۋودوروت بومبىسى سىنىقى ئېلىپ بارغان، ئۇچۇق دېڭىزدا كىتىۋاتقان ياپونىيە بېلىقچى كىمىسى - <فۇكۇمارۇ- بەشىنچى نۇمۇر> دىكى 32 خادىمى زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۇبۇياما ئايكىچى 9-ئايدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلىپ، ياپونىيە ۋە پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ غەزەپ نەپرىتىنى قوزغىغانىدى.