Uyghurئاساسىي لۇغەت
بېگرام
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى كۇشان خاندانلىقى پايتەختىنىڭ خارابىسى. ئافغانىستان كابۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدىن 60 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئويمانلىقتا بولۇپ، قەدىمكى باكتېرىيىدىن تاكشاسىلاغا بارىدىغان قاتناش تۈگۈنىگە جايلاشقان. 1937-يىلىدىن باشلاپ قېزىلغان. سېپىل ئىچىگە ئېلىنغان تىك تۆت تەرەپلىك شەھەر رايونىدا قەۋەتمۇ قەۋەت كۆمۈلۈپ قالغان ئۈچ دەۋرگە ئائىت قۇرۇلۇشلار بايقالغان، شەھەر سىرتىدىمۇ ئولتۇراق جايلار خارابىلىرى تېپىلغان. شەھەر سېپىلىغا بىر دەرۋازا ئورنىتىلغان بولۇپ، دەرۋازىدىن شىمالغا قاراپ تۈپتۈز چوڭ يول ئېلىنغان. چوڭ يولنىڭ شەرقىدىكى 10-، 13- ئۆيلەردىن جۇڭگو، ھىندىستان ۋە ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىدىكى رايونلاردىن ئېلىپ كېلىنگەن كۆپلىگەن يادىكارلىقلار تېپىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھىندىستاننىڭ پىل چىشى ئويمىلىرى، جۇڭگو خگن دەۋرىنىڭ سىرلانغان ئەسۋابلىرى، يۇنانچە سىڭىز تاشىتن ئىشلەنگەن يۇمىلاق تاختايلار، سۈرىيىنىڭ مىس بۇيۇملىرى، رىمنىڭ ئەينەك قاچىلىرى قاتارلىقلار بار. چوڭ يولنىڭ غەربىدىنمۇ كۆپلىگەن پۇللار تېپىلغان، بۇلار بۇ شەھەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە يىلنامىسىنى تەتقىق قىلىشقا مۇھىم ماتېرىيال يەتكۈزۈپ بېرگەن. قېزىلغان ماتېرىياللارغا ئاساسەن، بەزىلەر قابېس دۆلىتىنىڭ پايتەختى دەپ ھېسابلىماقتا.