Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
鞭毛
بىئولوگىيە
قىلئاياغ
سىتوپلازمىدىكى پلازما پەردىسىگە يېقىن جايلاشقان ئاساسىي تەنىدىن ئۆسۈپ، ھۈجەيرە پەردىسى بىلەن ھۈجەيرە پوستىنى تېشىپ ئۆتۈپ سىرتقا قاراپ ئۇزارغان، دولقۇنسىمان ئىنچىكە ئۇزۇن يېپىشقۇچى ئورگان. ئۇ قىئاياغلىق باكتېرىيىنىڭ ھەرىكەتلىنىش <ئورگىنى>. باكتېرىيىلەر قىلئايىغىنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشى ۋە تەكرارلىقىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق، ئۆز ھەرىكىتىنىڭ يۆنىلىشى ۋە سۈرئىتىنى كونترول قىلىدۇ. قىلئاياغنىڭ ھۈجەيرىدىكى ئورنى، سانى ۋە تىزىلىش شەكلى باكتېرىيىلەرنى كلاسسىفىكاتسىيىلەشتىكى ئاساسلارنىڭ بىرى. قىلئاياغنىڭ دىئامېتىرى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، ھەرقانداق بوياق بىلەن بىر تەرەپ قىلىنمىغان قىلئاياغانى پەقەت ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپ ئاستىدا كۆرگىلى بولىدۇ، ئالاھىدە بوياپ بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، ئوپتىك مىكروسكوپ ئاستىدىمۇ كۆزەتكىلى بولىدۇ. قىلئاياغ ئاسان تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. شۇڭا سىلكىتىپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە سېنترالفۇگلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق يىغىۋېلىنىدۇ. قىلئاياغ بىر خىل ئاقسىل، شۇنداقلا بىرخىل ئانتىگېن - قىلئاياغ ئانتىگېنى (H ئانتىگېن) بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان باكېرىيىلەرنىڭ قىلئايىغىنىڭ ئانتىگېنلىق ئالاھىدىلىكىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. قىلئاياغ ئانتىگېنىنىڭ خۇسۇسىيىتىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن، قىلئاياغلىق باكتېرىيىلەر ئانتىگېنلىقى ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى باكتېرىيىلەرگە بۆلۈنىدۇ. قىلئاي ھەقىقىي يادرولۇق مىكرو ئورگانىزملار، ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە كەڭ تارقالغان. مەسىلەن، كۆپلىگەن يۈسۈنلەر، بەزى ئىپتىدائىي ھايۋانلار، دېڭىز بۇلۇتى ۋە ئۈچەي قورساقلىق ھايۋانلارنىڭ ئىچكى تۆرەلمە قەۋىتىدىكى ھۈجەيرىلەر، ھەرخىل ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سپېرمىلىرى قاتارلىقلاردا بۇ خىل تۈزۈلۈش بولىدۇ. ھەقىقىي يادرولۇق جانلىقلارنىڭ قىلئايىغى بىلەن باكتېرىيىلەرنىڭ قىلئايىغىنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى ھەقىقىي يادرولۇق جانلىقلارنىڭ قىلئايىغى ئالاھىدە بولغان <9 + 2> تۈزۈلۈشىگە ئىگە.
باغۋەنچىلىك
biān máo
قىل ئاياغDدېھقانچىلىق
biān máo
قامچا تۈكDئورمانچىلىق
biān máo
قامچىسىمان تۈكDئۆسۈملۈك
biān máo
قامچا تۈكDتېببىي
biān máo
قىل ئاياغ، قامچا مويلىقلارDئۇنىۋېرسال
biān máo
قىل ئاياغ، تۈكچە، قامچا تۈك، فلاگېللا
Dئۇنىۋېرسال
biān máo
قىل ئاياغ، تۈكچە، قامچا تۈك، فلاگېللا