Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
鞭毛生物
بىئولوگىيە
قىلئاياغلىق جانلىقلار
سۇدا ياشايدىغان، يەككە ھۈجەيرە ياكى ھۈجەيرىلەر توپىدىن تۈزۈلىدىغان 1 - 2 (ياكى 3) تال قىلئايىغى بولغان بىرخىل جانلىقتۇر. بۇ خىل جانلىقلارنىڭ ھۈجەيرىسى ئوچۇق ياكى يۈزىدە مۇستەھكەم پەردىسى بولىدۇ. بىرئاز يۇقىرى دەرىجىلىكلىرىنىڭ تالادىن تۈزۈلگەن ھۈجەيرە پوستى بولىدۇ، ھۈجەيرىسى ئوچۇق تۇرىدىغانلار دائىم تەن شەكلىنى ئۆزگەرتىدۇ؛ رەڭلىكلىرىنىڭ تەركىبىدە پىگمېنت بولىدۇ، ئۇلار فوتوسىنتېز ئېلىپ بېرىپ ئۆزىدىن ئوزۇقلىنىپ ياشايدۇ؛ رەڭسىزلىرى ئۆزىدىن ئوزۇقلىنالمايدۇ، ئۇلار چىرىتىپ ياشاش ياكى ھايۋانلارنىڭ ياشاش ئۇسۇلىدا چەتتىن ئوزۇقلىنىپ ياشايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى تۈرلەر ئۆزىدىن ۋە چەتتىن ئوزۇقلىنىپ ئىككى خىل ئۇسۇلدا ياشايدۇ. قىلئاياغلىق جانلىقلار يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ھايۋانلار ئوتتۇرىسىدىكى جانلىقلار ياكى ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ھايۋانلارنىڭ ئورتاق ئەجدادى دەپ قارىلىدۇ. بوتانىكا ئالىملىرى قىلئاياغلىق جانلىقلارنى يالىڭاچ يۈسۈنلەر تىپى، سېرىق يۈسۈنلەر تىپى، قاسىراقلىق يۈسۈنلەر تىپى، يوشۇرۇن يۈسۈنلەر تىپى ۋە بىر قىسىم يېشىل يۈسۈنلەرگە بۆلىدۇ؛ زوئولوگىيە ئالىملىرى ئۇلارنى ئىپتىدائىي ھايۋانلارنىڭ بىر كەنجى سىنىپى يەنى ئۆسۈملۈكسىمان قىلئاياغلىق ھايۋانلار كەنجى سىنىپىغا كىرگۈزىدۇ. قىلئاياغلىق جانلىقلار ھۈجەيرە بۆلۈنۈش ئۇسۇلىدا بۆلۈنۈپ كۆپىيىدۇ، ئۇلار ئادەتتە جىنسلىق كۆپەيمەيدۇ. مۇھىت ناچار بولغاندا قېلىن پوستلۇق سپورا خالتىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئاساسەن تاتلىق سۇغا تارقىلىدۇ.