Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
八月十八政变
دۇنيا تارىخى
18 - ئاۋغۇستتىكى سىياسىي ئۆزگىرىش
ياپونىيە خان سارىيىدىكىلەر شوگناتتىكىلەر بىلەن شېرىكلىشىپ، پادىشاھنى ھۆرمەتلەپ، ئەجنەبىيلەرگە قارشى تۇرغۇچىلارنى قوغلاپ چىقىرىش يۈزىسىدىن پەيدا قىلغان سىياسىي ۋەقە. 1863- يىلى (ئاياخساسخى 3 - يىلى) ياز، كۈز پەسلىدە، ناگاسۇ، سامۇ، توسا قاتارلىق ۋاسساللىقتىكى باتۇرلار كىيۇتۇدىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئوردىنى چەت ئەلنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش يارلىقىنى چۈشۈرۈشكە مەجبور قىلغان ھەمدە تىننونى ھىمايە قىلىپ قوشۇن تارتىپ، مەھكىمىگە قارشى جازا يۈرۈشى قىلىشنى پىلانلىغان. بىراق يۇقىرى قاتلامدىكى ئوردا مۆتىۋەرلىرى ۋە ۋاسسال بەگلىرىنىڭ كۆپچىلىكى قارشى چىققان، تىننو كوئۇمېيتېننومۇ قوشۇلمىغان، 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى (مىلادى 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى) تاڭ سەھەردە خۇيجىن، سامۇ ۋاسساللىرىدىكى ئەسكەرلەر ساراينىڭ دەرۋازىسىنى ساقلاپ جوڭچۇەن سارىيىدىكى شاھزادە ئاساخىكو، ئالدى گۈەنبەيجىندىكى ئىنو تاداخىرو، كىيۇتونىڭ قوغدىغۇچى ئەمەلدارى ماتسۇخىرا كاتائو قاتارلىقلار خان سارىيىغا كىرىپ تىننوغا سالام بەرگەن، كىيۇتودىكى ۋاسسال بەگلىرىنى چاقىرىپ، داخېغا بېرىشنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. 21 نەپەر رادىكال ئوردا مۆتىۋەرلىرىىڭ تېننو ئالدىغا كېلىپ سالام بېرىشى چەكلەنگەن. ناگاسۇۋاسسال ئەسكەرلىرىنى ساراينى قوغداشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىدىن بوشاتقان. 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ھاكىمىيەت ئاغدۇرغۇچى ئودا مۆتىۋەرلىرىدىن سانجۇ سانېتومى قاتارلىق يەتتە كىشى ناگاسۇ ۋاسسال ئەسكەرلىرى ۋە ھەرقايسى جايلاردىكى مەردلەر بىلەن بىرگە ناگاسۇغا قاچقان. خۇيجىن، سامۇ قاتارلىق خان سارىيىدىكىلەر بىلەن مەھكىمىدىكىلەر بىرلىشىپ كۈچلۈك ۋاسسال كۈچىنى ئاجرىتىپ كىيۇتونىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى ۋاقتىنچە كونترول قىلىۋالغان.