Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
八月法令
دائىرە: دۇنيا تارىخىئاۋغۇست پەرمانى
فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئاساسىي قانۇن تۈزگۈچى پارلامېنتى ئېلان قىلغان فېئوداللىق ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتنى بىكار قىىش توغرىسىدىكى پەرمان. 1789-يىل 7-ئاينىڭ 14-كۈنى پارىژ خەلقىنىڭ قوراللىق قوزغىلىڭى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئىنقىلاب تزدىنلا مەملىكەت بويىچە قانات يايدى. يېزىلاردا فېئوداللىق تۈزۈمنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىغان بولسا، ھەرقايسى شەھەرلەردە پارىژغا تەقلىد قىلىغان <شەھەر ئىنقىلابى> بارلىققا كەلگەنىدى. ئاساسىي قانۇن تۈزگۈچى پارلامېنت ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بىلەن 8-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە فېئوداللىق ئىمتىيازنى بىكار قىلىش بويىچە مۇھاكىمە يىغىنىنى چاقىرىپ، <فېئوداللىق تۈزۈمنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىش> قارارىنى، يەنى <ئاۋغۇست پەرمانى> نى ماقۇللىدى. ئىمتىيازلىق تەبىقىدىكىلەرنىڭ باج تۆلىمەسلىك ھوقۇقىنى ۋە دەنىي جەمئىيىتىنىڭ ئۆشرە - زاكىتىنى بىكار قىلىش، يېزىلاردىكى بېقىندىلىق مۇناسىۋەتنى، فېئوداللارنىڭ ئوۋ ئوۋلاش، توشقان بېقىش، كەپتەر بېقىش ۋە ئەدلىيە جەھەتتىكى ئىمتىيازى بىكار قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى، ئەمەلىيەتتە پەقەت بەزى ئادەتتىكى فېئوداللىق ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى بىكار قىلىنىپ، فېئوداللىق تۈزۈمگە تۈپتىن تېگىلمىگەنىدى.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.