Uyghurئاساسىي لۇغەت
بارلىق بولساڭ بېشىڭنى سىلايدۇ يوقلۇق بولساڭ بېشىڭ سىغمايدۇ
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
«بارلىق بولساڭ بېشىڭنى سىلايدۇ، يوقلۇق بولساڭ بېشىڭ سىغمايدۇ»بۇ، ئادەم بېيىغاندا ھەر كىمنىڭ خېرىدارلىق قىلغۇسى، يېقىنلاشقۇسى كېلىدۇ؛ نامراتلىق، يوقسۇزلۇق، موھتاجلىق كۈنىگە قالغاندا جان ساقلاشقا ئىمكان تېپىلمايدۇ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.