ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
1 . مەۋجۇت. ئانتونىمى: يوق.
جان بار يەردە قازا بار (ماقال). 8 سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق، ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق (ماقال). * بار دەپ تۆكمە، يوق دەپ كۆپمە. * بازاردا بار گەپ. * بارنى تەڭ كۆرەيلى.
مال - دۇنيا ھەسرىتى قىلمىسۇن ئەبگار،
مەڭگۈ ئۆلمەس كىشى، قېنى نەدە بار؟
2 . كۆپ بايلىققا ئىگە، قول، ئىلكىدە بار، باي، دۆلەتمەن. بار ماختانسا ئېچىلىدۇ، يوق ماختانسا چېچىلىدۇ (ماقال). * يوقنىڭ بىر دەردى بار، بارنىڭ مىڭ دەردى بار (ماقال). * بارنىڭ مايىقى، يوقنىڭ تايىقى (ماقال). * باردا پولدۇرۇڭ - پولدۇرۇڭ، يوقتا قاراپ ئولتۇرۇڭ (ماقال).
3 . ھەممە، جەمئىي، بارلىق. ئۇ بار ئاۋازى بىلەن ۋارقىرىدى. * ئۇ بار كۈچىنى چىقاردى.
ئېگىز تاغقا چىققاندا، قولىڭىزنى مەن تارتقان،
بار ئويۇننى سىز ئويناپ، دەردىڭىزنى مەن تارتقان.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئاسترونومىيە، فىزىكا ئاتالغۇسى، بېسىم ئۆلچەم بىرلىكى.
بىر بار ھەر بىر كۋادرات سانتىمېتىر يۈزگە چۈشكەن بىر مىليون دىنا تەسىر كۈچنىڭ بېسىمىغا تەڭ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
بارماق، بېرىش. 1 . بىر نۇقتىدىن يەنە بىر نۇقتىغا يۆلەنمەك، يۈرمەك.
بۇغداي ئاخىر تۈگمەنگە بارىدۇ (ماقال). * بارمايمەن دېگەن يەتتە قېتىم بېرىپتۇ (ماقال).
بارسىلا، بىللە بارايلى، ئايرىلىپ قالغان يامان،
ئايرىلغانغا كىم ئۆلۈپتۇ، يولدا يالغۇزلۇق يامان.
2 . بىراۋنىڭ ئالدىغا قەدەم تەشرىپ قىلماق. ياخشى بولساڭ تويۇڭغا بارارمەن، يامان بولساڭ ئۆلۈمىڭگە بارارمەن (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ياردەمچى پېئىل.
1 . «پ» لىك رەۋىشداشلارغا قوشۇلۇپ كېلىپ تۆۋەندىكىچە قوشۇمچە مەنە بېرىدۇ: 1( ئىش - ھەرىكەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 2) ئىش - ھەرىكەتنىڭ پەيدىنپەي ئىلگىرلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 3( ئىش - ھەرىكەتنىڭ تۈگىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
1) مەن ناخشا ئېيتىپ باراتتىم، ئالدىمدىن توشقان چىقىپ قالدى، قورقۇپ كەتتىم. 2( تىل تارىخىي جەرياندا راۋاجلىنىپ، ئۆزگىرىپ بارىدۇ. 3) تۈنۈگۈن يېتىپ باردۇق.
2 . يۆنىلىش كېلىشتە كەلگەن سانلارغا قوشۇلۇپ كېلىپ، شۇ نەرسىنىڭ شۇ سان بىلدۈرگەن چەككە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ: شىركىتىمىزنىڭ سەرمايىسى ئىككى مىليون يۈەنگە بارىدۇ. * بانكىغا ئامانەت قويغان پۇلۇم بەش مىڭ يۈەنگە باردى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يوقنىڭ تەتۈرى، ئەمەلىيەتتە تۇرغان، يوقالمىغان؛ ھازىر بار.
بار دەپ تۆكمە، يوق دەپ كۆپمە. بارنى ئايىماي، يوققا كايىماي. بارنى تەڭ كۆرىمىز. چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە. ئۆچمەس نام ئەخلاق بىلەنلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھازىر، تەييار.
يوق
ھازىر ئەمەس.
بار دەپ تۆكمە، يوق دەپ كۆپمە. بار بولسا ھورى چىقىدۇ، يوق بولسا شورى. بارنى ئايىما، يوققا كايىما. <مەن> دە بار، <ئالەم> دە يوق ئۇ نېمە؟ - چېكىت. مەۋجۇت ئىكەنسەن بۇ دۇنيادا، غېمىنى يە بۇ دۇنيانىڭ.
دائىرە: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىبار.
بىر نەرسىنىڭ بىر يەردە بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان سۆز. « سەندە يارماق بارمۇ _ سەندە يارماق (پۇل) بارمۇ» دەپ سورىسا، باشقا بىرسى « بار _ بار» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇ، ئەرەپچىدىكى «» سۆزىنىڭ ۋە تۈركچىدىكى « يوق _ يوق» سۆزىنىڭ تەتۈرى.
3 - 202
دائىرە: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى