Uyghurئاساسىي لۇغەت
بادېنى سۈيىقەستى
دۇنيا تارىخى
ئاۋسترىيە بادېنى ئىچكى كابىنېت مەزگىلىدە (1895 - 1897)، تىل مەسىلىسىدىن كېلىپ چىققان سىياسىي ۋەقە. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا، چېخلارنىڭ ھەرىكىتى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈپ، ئىمپېرىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھەرخىل زىددىيەتلەر كەسلىنلەشكەن. بادېنى ھۆكۈمىتى ۋەزىيەتنىڭ قىستىشى بىلەن پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي، 1897-يىلى 4-ئايدا تىل ھەققىدە پەرمان ئېلان قىلغان؛ ئۇنىڭدا بۇھېمىيە، مولاۋىيە ۋە گالتسىيىلەردە چېخ تىلى ۋە گېرمان تىلى باراۋەر قوللىنىلىدۇ، بارلىق ئەمەلدارلار 1901-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن بۇ ئىككى خىل تىلنى ئۆگىنىپ بولۇشى شەرت دەپ بەلگىلەنگەن، پەرمان ئاۋسترىيە شوۋىنىزمىچىلىرىنىڭ كەسكىن قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، ئۇلار ھەرقايسى جايلاردا توپىلاڭ ۋە ئۇرۇش - تالاش قوزغىغان ھەمدە پارالامېنتتا ئەتەي چاتاق چىقىرىپ، بۇ پەرماننى <قۇللۇق قانۇن> ۋە <بادېنى سۇيىقەستى> دەپ ئاتىغان. 1897-يىلى 11-ئايدا بادېنى ئىچكى كابىنېتى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولغان، پەرمان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.