Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بالى ئۇرۇشى
دائىرە: دۇنيا تارىخى巴厘战争
bā lí zhàn zhēng
ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا بولغان بالى ئارىلىدىكى خەلقلەرنىڭ گوللاندىيىگە قارشى ئۇرۇشى. بالىنىڭ ئورنى ياۋا ئارىلىنڭ شەرقىدە بولۇپ، ئىزچىل ھالدا مۇستەقىللىكنى ساقلاپ كەلگەن. توققۇز نەپەر قەبىلە باشلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1846-يىلى گوللاندىيە مۇستەملىكىچى قوشۇنى بالى ئارىلىغا تاجاۋۇز قىلىپ، قەلئەلەرنى كۆيدۈرۈپ، بالى سۇلتانى بىلەن سۇلتان كاران ئاسىننى ئولپان تاپشۇرۇش كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشقا مەجبۇر قىلغان. 1848-يىلى يىلى يەنە بىر قېتىم تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، بالى قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. 1849-يىلى گوللاندىيە ئارمىيىسى بالىنى ئىشغال قىلغان، ئەمما يەرلىك قەبىلە باشلىقىنىڭ ئىچكى ئىشلاردا ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.