Uyghurئاساسىي لۇغەت
بالى ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا بولغان بالى ئارىلىدىكى خەلقلەرنىڭ گوللاندىيىگە قارشى ئۇرۇشى. بالىنىڭ ئورنى ياۋا ئارىلىنڭ شەرقىدە بولۇپ، ئىزچىل ھالدا مۇستەقىللىكنى ساقلاپ كەلگەن. توققۇز نەپەر قەبىلە باشلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1846-يىلى گوللاندىيە مۇستەملىكىچى قوشۇنى بالى ئارىلىغا تاجاۋۇز قىلىپ، قەلئەلەرنى كۆيدۈرۈپ، بالى سۇلتانى بىلەن سۇلتان كاران ئاسىننى ئولپان تاپشۇرۇش كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشقا مەجبۇر قىلغان. 1848-يىلى يىلى يەنە بىر قېتىم تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، بالى قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. 1849-يىلى گوللاندىيە ئارمىيىسى بالىنى ئىشغال قىلغان، ئەمما يەرلىك قەبىلە باشلىقىنىڭ ئىچكى ئىشلاردا ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان