Uyghurئاساسىي لۇغەت
بايۋەچچە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
باي + بەچچە
ئىسىم
باينىڭ بالىسى، بايزادە.
ئۇنىڭ بايۋەچچە ئوغلى 20 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، بەش تەڭگە پۇلنى ئۆز قولى بىلەن تۇتۇپ خەجلىگەن ئەمەس ئىكەن.
بايلارنىڭ بالىلىرىغا مۇراجىئەت قىلىشتا، ئۇلارنىڭ نامى ئورنىدا ياكى نامىغا قوشۇپ ئىشلىتىلىدۇ.
ئات باقار خىجالەت بولۇپ: - رەھمەت بايۋەچچە، - دەپ ئارقىغا بۇرۇلۇپتۇ.
ئۆزىنى باي بالىسىدەك چاغلايدىغان ئابرۇيپەرەس، سۆلەتۋاز كىشى.
قاسىم - ئالدى بىلەن ئۇستىۋاشلىرىمنى راۋۇرۇش يېڭىلاپ، كېلىشكەن بايۋەچچە بولۇشۇم كېرەك، - دېدى - دە، توپتوغرا ماگىزىنغا يۈگۈردى.