Uyghurئاساسىي لۇغەت
بايوننى ئاساسىي قانۇنى
دۇنيا تارىخى
ⅩⅨئەسىرنىڭ باشلىرىدا ناپولىئوننىڭ ئىسپانىيە ئۈچۈن تۈزۈپ چىققان ئاساسىي قانۇنى. ئسپانىيىلىك ئاقسۆڭەكلەر بۇ قانۇننى 1808-يىلى 7-ئايدا فرانسىيەنىڭ چېگرا شەھىرى بايننېدا قۇبول قىلغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدا: ئىسپانىيە پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمىدىكى دۆلەت، پارلامېنت يۇقىرى پالاتا، تۆۋەن پالاتا دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ، يۇقىرى پالاتا كورۇل تەيىنلىگەن ئۆمۈرلۈك پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپىدۇ، تۆۋەن پالاتانىڭ قىسمەن ئەزالىرى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، قىسمەنلىرى شەھەرلىك پارلامېنت تەرىپىدىن كۆرسىتىلىدۇ، قىسمەنلىرى كورۇل تەيىنلەيدۇ؛ 24 كىشىدىن تەركىب تاپقان زوراغالىق مەھكىمىسى تەسىس قىلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ ئەزالىرىنى كورۇل تەيىنلەيدۇ ھەمدە ئۆمۈر بويى خىزمەت قىلىدۇ؛ ئاشكارا سوت قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، قىيناپ سوراق قىلىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ؛ مەملىكەت ئىچىدىكى چېگرا بېجى ئېلىپ تاشلىنىدۇ، خەلق ئىشلىرى ۋە سودا قانۇن - نىزامى بىرلىككە كەلتۈرۈلىدۇ؛ كاتولىك دىنى دۆلەت دىنى ۋە بىردىنبىر رۇخسەت قىلىنغان دىن بولىدۇ؛ مۇستەملىكە ۋە مېتىروپولىيىدىكى ئاھالىلەر ھوقۇقتا باراۋەر بولىدۇ ۋەھاكازالار دەپ بەلگىلەنگەن.