Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
باگائۇدا ھەرىكىتى
دائىرە: دۇنيا تارىخى巴高达运动
bā gāo dá yùn dòng
رىم ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىكى تۆۋەن قاتلام خەلقىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى. مىلادى Ⅲ ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا گاللىيىدە (ھازىرقى فrانسىيە تەرەپتە) باشلىنىپ ئاستا - ئاستا ئىسپانىيىگىچە كېڭەيگەن. قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى تۆۋەن قاتلامدىكى خەلق بولۇپ، نامراتلار، قۇللار، دېھقان قۇللار ۋە چېگرىدىن كىرگەن <ياۋايىلار> دىن ئىبارەت. ئۇلار باگائۇدا (گاللىيە تىلىدا <جەڭچى> دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتالغان. قوزغىلاڭچىلار زور كۆلەملىك قوراللىق كۈچ بولۇپ، ئۇيۇشۇپ، قورۇقلارغا ھۇجۇم قىلىپ ۋە ئىگىلەپ، پومېشچىكلارنى ئۆلتۈرۈپ ياكى قوغلىۋېتىپ، يەرلەرنى، مال - مۈلۈكلەرنى، چارۋىلارنى ۋە دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى بۆلۈشۈۋالغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاممىنى كەڭ كۆلەمدە قوبۇل قىلىپ، قوشۇننى كېڭەيتكەن. Ⅲ ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغا كەلگەندە گاللىيە رايونىنىڭ زور قىسمىنى (ئاساسەن يېزا - كەنت رايونلىرىنى) قاپلىغان، ئۇنىڭ داھىيىسى ئامەند ۋە ئېرىيانلار ئۆزلىرىنى <پادىشاھ> دەپ ئاتىغان ھەمدە پۇل قويدۇرغان، رىم ئەمەلدارلىرى ۋە بايلار بەس ـ بەستە شەھەرگە كىرىپ، يوشۇرۇنۇپ، مۇداپىئە قىلغان، ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ بىر قىسمى قوزغىلاڭچىلارغا تەسلىم بولغان، رىملىقلارنىڭ گاللىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقى پارچىلىنىپ كەتكەن. دىئوكلېتئانۇس مىلادى تەختكە چىققاندىن كېيىن (284-يىلى) ئورتاق ئىدارە قىلغۇچى ماكىسمان چوڭ قوشۇننى باشلاپ قوزغىلاڭچىلارغا ھۇجۇم قىلغان، 286-يىلى باگائۇدا ھەرىكىتى بىر مەھەل باستۇرۇلۇپ، زاۋالغا يۈزلەنگەن. Ⅳئەسىرنىڭ ئاخىرى Ⅴ ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئىسپانىيە، گاللىيە تەرەپلەردە يەنە بىر قېتىم قوزغالغان، <ياۋايىلار> غا ماسىشىپ ھۇجۇم قىلغان، داغدۇسى زور بولۇپ تاكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا قەدەر داۋاملىشىپ، غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ھالاكىتىنى تېزلەتكەن
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.