Uyghurئاساسىي لۇغەت
باگائۇدا ھەرىكىتى
دۇنيا تارىخى
رىم ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىكى تۆۋەن قاتلام خەلقىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى. مىلادى Ⅲ ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا گاللىيىدە (ھازىرقى فrانسىيە تەرەپتە) باشلىنىپ ئاستا - ئاستا ئىسپانىيىگىچە كېڭەيگەن. قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى تۆۋەن قاتلامدىكى خەلق بولۇپ، نامراتلار، قۇللار، دېھقان قۇللار ۋە چېگرىدىن كىرگەن <ياۋايىلار> دىن ئىبارەت. ئۇلار باگائۇدا (گاللىيە تىلىدا <جەڭچى> دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتالغان. قوزغىلاڭچىلار زور كۆلەملىك قوراللىق كۈچ بولۇپ، ئۇيۇشۇپ، قورۇقلارغا ھۇجۇم قىلىپ ۋە ئىگىلەپ، پومېشچىكلارنى ئۆلتۈرۈپ ياكى قوغلىۋېتىپ، يەرلەرنى، مال - مۈلۈكلەرنى، چارۋىلارنى ۋە دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى بۆلۈشۈۋالغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاممىنى كەڭ كۆلەمدە قوبۇل قىلىپ، قوشۇننى كېڭەيتكەن. Ⅲ ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغا كەلگەندە گاللىيە رايونىنىڭ زور قىسمىنى (ئاساسەن يېزا - كەنت رايونلىرىنى) قاپلىغان، ئۇنىڭ داھىيىسى ئامەند ۋە ئېرىيانلار ئۆزلىرىنى <پادىشاھ> دەپ ئاتىغان ھەمدە پۇل قويدۇرغان، رىم ئەمەلدارلىرى ۋە بايلار بەس ـ بەستە شەھەرگە كىرىپ، يوشۇرۇنۇپ، مۇداپىئە قىلغان، ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ بىر قىسمى قوزغىلاڭچىلارغا تەسلىم بولغان، رىملىقلارنىڭ گاللىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقى پارچىلىنىپ كەتكەن. دىئوكلېتئانۇس مىلادى تەختكە چىققاندىن كېيىن (284-يىلى) ئورتاق ئىدارە قىلغۇچى ماكىسمان چوڭ قوشۇننى باشلاپ قوزغىلاڭچىلارغا ھۇجۇم قىلغان، 286-يىلى باگائۇدا ھەرىكىتى بىر مەھەل باستۇرۇلۇپ، زاۋالغا يۈزلەنگەن. Ⅳئەسىرنىڭ ئاخىرى Ⅴ ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئىسپانىيە، گاللىيە تەرەپلەردە يەنە بىر قېتىم قوزغالغان، <ياۋايىلار> غا ماسىشىپ ھۇجۇم قىلغان، داغدۇسى زور بولۇپ تاكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا قەدەر داۋاملىشىپ، غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ھالاكىتىنى تېزلەتكەن.