Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
阿瑜陀耶王朝
دۇنيا تارىخى
ئايوتىيە خاندانلىقى
يەن بۈيۈك شەھەر خاندانلىقى. تايلاندنىڭ قەدىمكى زاماندىكى فېئودال خاندانلىقى. 1350-يىلى راماتىبودى قۇرغان. ئۇنىڭ پايتەختى ئايوتىيە (<غالىپ شەھەر> دېگەن مەنىدە، بۈيۈك شەھەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دا بولغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. كۆپ ئۆتمەي سۇكۇتئاي خاندانلىقىنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇنىڭ كۆپ قىسىم يەرلىرىنى ئىگىلىۋېلىپ، 1438-يىلى مۇنقەرز قىلغان. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە چېنلادىكى ئاڭكور خاندانلىقىغا كۆپ قېتىم كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىپ، ئاڭكورنى بىر نەچچە قېتىم ئشغال قىلغان. ترائىلوك تەختتە ئولتۇرغان مەزگىل (1448 - 1488) دە مەركىزىي ھاكىمىيەتنى كۈچەيتىپ، <تەبىقە بويىچە يەر بېرىش قانۇنى> نى يولغا قويغان ھەمدە شىمالدىكى چېڭمەي بىلەن ئۇزاق ۋاقىت ئۇزۇش قىلغان. Ⅹ Ⅵ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بىرمىلىقلارنىڭ تاجاۋۇزىغا كۆپ قېتىم ئۇچراپ، ئايوتىيە ئىككى قېتىم ئىشغال قىلىۋېلىنغان ھەمدە 15 يىل بىرمىنىڭ كونتروللۇقىدا بولغان (1569 - 1584)، نارېسۇئېن تەختتە ئولتۇرغان مەزگىل (1590 - 1605) دە دۆلەت قۇدرەت تېپىپ، كامبودژىنى بويسۇندۇرغان ھەمدە مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىشغال قىلغان. ئايوتىيە خاندانلىقىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قويۇق بولۇپ، مىڭ سۇلالىسىغا كۆپ قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن، جۇڭگو دېڭىزچىسى جىڭ خې بۇ جايغا بارغان. ⅩⅥ، ⅩⅦ ئەسىردە غەرب مۇستەملىكىچىلىرى بېسىپ كىرگەن. 1767-يىلى ئايوتىيە بىرما تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ ئايوتىيە خاندانلىقى مۇنقەرز بولغان.