Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
阿瑞斯
دۇنيا تارىخى
ئارېس
قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئۇرۇش خۇداسى. باش خۇدا زېۋىس بىلەن خانىكە ھېرانىڭ ئوغلى. ئۇ قەددى - قامىتى كېلىشكەن، بېشىغا ئالتۇن قالپاق، ئۇچىسىغا تۇچ ساۋۇت ۋە دۇبۇيلغا كىيگەن، قولىدا ئۇزۇن نەيزە ۋە قالغان تۇتقان قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ. ئۇ بەك ۋەھشىي، ئۇرۇشخۇمار بولۇپ، جەڭ قىلغاندا جەڭ ھارۋىسىدا ئولتۇرىدىكەن ياكى پىيادە ماڭىدىكەن. «تېررورلۇق»، «يېڭىلىپ قېچىش» (دېموس)، «جېدەل - ماجىرا»، «پاراكەندىچىلىك»، «شەھەرلەرنى ۋەپران قىلىش» قاتارلىق بەش مۇدھىش تەڭرى ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىدىكەن. ئولىمپىس تېغى (يۇناننىڭ شىمالىدا) دا تۇرىدىكەن، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ ئاتىسى زېۋىسنىمۇ بىزار قىلغانىكەن. رىم ئەپسانىلىرىدە ئۇ مارىس دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
ā ruì sī
ئارېس )مارس يۇلتۇزى(