Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
奥拉夫一世
دۇنيا تارىخى
ئولاۋ Ⅰ
(968 - 1000)، نورۋېگىيە كورۇلى (995 - 1000). ھارالد ھائارفاگېر (ئالتۇن چاچلىق پادىشاھ) نىڭ چەۋرىسى. ياش ۋاقتىدا بالتىق دېڭىزىدا دېڭىز قاراقچىلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان. ئەنگلىيىگە ئىككى قېتىم ھۇجۇم قىلغان. مىلادى 991 - يىلى باشقا ئىككى دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ سەردارى بىلەن بىرلىكتە ئەنگلىيە كورۇلى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، 10 مىڭ فوند - ستېرلىڭغا ئىگە بولۇپ، بىرىنچى قېتىملىق ھۇجۇمىنى ئاخىرلاشتۇرغان. 994 - يىلى 94 كېمىدن تەركىب تاپقان فلوتىنى ئىشقا سېلىپ، ئەنگلىيىگە يەنە ھۇجۇم قىلغان. 16 مىڭ فوند - ستېرلىڭغا ئىگە بولغاندىن كېيىن ئۇرۇشنى توختاتقان. 995 - يىلى نورۋېگىيىگە قايتىپ كەلگەن ھەمدە كورۇل بولغان. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ھەمدە نورۋېگىيە، ئىسلاندىيە ۋە گرېنلاندىيىنى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلدۇرۇشقا تىرىشقان. مىلادى 1000 - يىلى بىر قېتىملىق يىراققا يۈرۈش قىلىش سەپىرىدە بالتىق دېڭىزىدىكى سۋولدېر ئارىلىنىڭ يېنىدا شۋېتسىيە - دانىيە بىرلەشمە فلوتىنىڭ يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ زەربە بېرىشىگە ئۇچراپ، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنى دېڭىزغا تاشلاپ ئۆلگەن.