Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
奥拉夫二世圣徒
دۇنيا تارىخى
ئولاۋ Ⅱ
(995 - 1030). نورۋېگىيە كورۇلى (1016 - 1029). ھارالد ھائارفاگېرنىڭ ئەۋرىسى. ياش ۋاقتىدا ئىنگلىز بوغۇزى، نورماند قاتارلىق جايلاردا دېڭىز قاراقچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە دانىيىلىكلەر بىلەن سوقۇشقان. 1015 - يىلى نورۋېگىيىگە قايتىپ كېلىپ، ئۆزىنى كورۇل دەپ ئاتىۋالغان ھەمدە بەش ئوپران قەبىلە باشلىقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. 1016 - يىلى نېسجىنىڭ يېنىدىكى بىر قېتىملىق دېڭىز جېڭىدە نورۋېگىيىنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ھۆكۈمرانى گراف سىۋېئىننى مەغلۇپ قىلغان. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە جەنۇبتىكى بەزى قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ كۈچىنى يوقاتقان، ئاقسۆڭەكلەرنى باستۇرغان. كىشىلەرنى خرىستىئان دىنىنى قوبۇل قىلشىقا زورلىغان. ئوركنېي تاقىم ئاراللىرىغا بولغان مىتروپوللۇق ھوقۇقىنى قوغدىغان، يەنە دانىيىگە ھۇجۇم قىلىپ غەلىبە قازانغان. 1028 - يىلى دانىيە كورۇلى كىنۇد نورۋېگىيىگە ھۇجۇم قىلغاندا، نورۋېگىيە ئاقسۆڭەكلىرىىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ روسىيىگە قېچىپ كەتكەن. 1030 - يىلى قايتىپ كېلىۋاتقاندا ئۆزىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ دۈشمەنگە ئۇچراپ، سىدىكىلىستا جېڭىدە مەغلۇپ بولۇپ ئۆلگەن. ئۆلگەندىن كېيىن، <مۇقەددەس ئولاۋ> (نورۋېگىيىنى قوغدىغۇچى ئىلاھ) دەپ ئاتالغان.