Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
奥地利第二共和国
دۇنيا تارىخى
ئاۋسترىيە ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتى
1945-يىلى فاشىستلار گېرمانىيىسى گۇمران بولۇشقا يېقىنلاشقان چاغدا، ئاۋسترىيە بۇرژۇئازىيىسنى قۇرغان جۇمھۇرىيەت. 1945-يىل 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، كارل رېننېر سوۋېت ئارمىيىسى ئۆتكۈزۈۋالغان رايوندا ئاۋستىريە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى، ئاۋستىرىيە خەلق پارتىيىسى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيە قاتناشقان بىرىنچى نۆۋەتلىك ۋاقىتلىق بىرلەشمە ھۆكۈمەتنى تەشكىللىگەن ۋە ئاۋسترىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېڭىۋاشتىن قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 9-ئايدا ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇق دائىرىسى غەرب ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىنىڭ ئىشغالىيىتىدىكى رايونىغىچە كېڭىيىپ، يېڭى بىرلەشمە ھۆكۈەت رەسمىي قۇرۇلغان ۋە ئاۋسترىيىنىڭ ئىتتىپاق جۇمھۇرىيتى ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغان. 12-ئايدا ئىتتىپاق پارلامېنتى كارل رېننېرنى جۇمھۇرىيەت زۇڭتۇڭلۇقىغا، لېئوپولد فېگېلنى ئىتتىپاق زۇڭلىلىقىغا سايلىغان. ئىتتىپاق زۇڭلىلىقىغا سايلىغان. ئىتتىپاق ھۆكۈمىتى 1955-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىلەر بىلەن <مۇستەقىل ۋە دېموركاتىك ئاۋسترىيىنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇش دۆلەت شەرتنامىسى> (يەنى <>ئۋسترىيە دۆلەت شەرتنامىسى<) نى ئىمزالاپ، ئاۋستىريىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ھەمدە 1939-يىلقى دۆلەت چېگرىسىنىڭ ئىچىدىكى زېمىنىنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ساقلايدىغانلىقى، گېرمانىيە بىلەن ھەر قانداق سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىتتىپاق تۈزۈشنىڭ مەنئى قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 6-ئاينىڭ 7-كۈنى مىللىي پارلامېنت ئاۋسترىيىنىڭ «مەڭگۈ بىتەرەپ» تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 10-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىلەرنىڭ ئىشغالىيەتچى قوشۇنلىرى ئاۋسترىيىدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىققان.