Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
奥地利一八上八年革命
دۇنيا تارىخى
ئاۋسترىيىنىڭ 1848-يىلدىكى ئىنقىلابى
ئاۋسترىيىدىكى فېئودال مۇستەبىتلىك تۈزۈمىگە قارشى بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى. 1848-يىلى فرانسىيە فېۋرال ئىنقىلابىنڭى تەسىرى ئاستىدا، ۋېنا خەلقى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، مېتتېرنىخ ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ۋە ئاۋسترىيە ئىمپېراتورىنى ئىنستىتۇت ئارمىيىسى ۋە مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسىنى قۇرۇش، ئىچكى كابىنېتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش، ئاساسىي قانۇن تۈزۈش كېڭىشىنى ئېچىشقا قوشۇلۇشقا مەجبۇر قىلغان. 4-ئاينىڭ 25-كۈنى ئېلان قىلىنغان ئاۋسترىيە ئىمپېرىيىسى ئاساسىي قانۇن خەلقىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالمىغانلىقتىن، ۋېنا خەلقى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ۋە 26-كۈنى يەنە نامايىش قىلىپ ۋە ئۇنىڭ جەمەتىنى ۋېنادىن قېچىپ چىقىشقا مەجبۇر قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىمپېرىيە چېگرىسى ئىچىدىكى چېخىيە ۋە ۋېنگرىيىلەردىمۇ ئىنقىلاب پارتلاپ ھەمدە مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى قوزغىلىپ، ئاۋستىريىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان. 6-ئايدا ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى يېڭى سايلام قانۇنىنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئىشچىلارنىڭ پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلغان. ئەمما خان جەمەتى باشچىلىقىدىكى فېئودال كۈچلەر لىبېرال بۇرژۇئازىيىنىڭ مۇرەسسەچىلىكى ۋە خائىنلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئەكسىلئىنقىلابىي قوراللىق كۈچ تەشكىللەپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن. 6-ئايدا پراگا قوزغىلىڭىنى باستۇرغان؛ 8-ئايدا مىلاننى ئىشغال قىلىپ، ئىتالىيە ئىنقىلابىنى باستۇرۇپ، ۋېنا خەلقىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان، ۋېنا خەلقى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى يەنە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ھەربىي قورال - ياراق ئامبىرىنى ئىشغال قىلىپ، ئاۋسترىيە ئىمپېراتورىنى پايتەختتىن يەنە قوغلاپ چىقارغان، ھاكىمىيەت ئۇششاق بۇرژۇئازىيە دېموكراتلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكەن. قوزغىلاڭچىلاردا دېھقانلار بىلەن ۋە ۋېنگريە ئىنقىلابچىلىرى بىلەن بىرلىشىش كەمچىل بولغانلىقى ئۈچۈن، 10-ئاينىڭ 31-كۈنى ئەكسىيەتچى ئارمىيە تەرىپىدىن رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرۇلغان. ئاۋسترىيە ئىنقىلابى ئمپېرىيە چېگرىسى ئىچىدىكى مىللىي ھەرىكەتنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاۋسترىيە فېئودال يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ گۇمران بولۇشىنى تېزلەتكەن.