Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
爱德华八世
دۇنيا تارىخى
ئېدۋارد Ⅷ
(1894 - 1972)، ئەنگلىيە كورۇلى (1936). گېئورگې 5 (1865 - 6193) نىڭ چوڭ ئوغلى. 1911 - يىلى ۋالېس شاھزادىسى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەنگلىيەنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلغوچى قىسىملىرىدا ھەربىي خىزمەت قىلغان. ئۇرۇشتىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى ساياھەت قىلغان. 1936 - يىلنىڭ باشلىرىدا گېئورگې ۋاپات بولغاندىن كېيىن تەختكە ۋارسلىق قىلغان. كېيىن ئىككى قېتىم نىكاھلانغان ئامېرىكىلىق ئاددىي پۇقرا ئايال سىنىپسون خانىم بىلەن توي قىلماقچى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەنگلىيە باۋېر مۇتەئەسسىپلەر پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە خان جەمەتىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، شۇ يىلى ئورنىنى ئىنىسى گېئورگې Ⅵ گە ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان. كېيىن ۋىنىسا كىنەزى مەرتىۋىسى بېرىلگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى فاشىستلار گېرمانىيىسىگە نىسبەتەن ئىناقلىقنى ئىپادىلىگەن. 1937 - يىلى گېرمانىيىگە بېرىپ گىتلېردىن زىيارەت قىلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئەنگلىيە - فرانسىيە قوماندانلىق شتابىنىڭ گېنېرال مايور دەرىجىلىك ئالاقىچىسى بولغان. 1940 - 1945 - يىللىرى باھاھم تاقىم ئاراللىرىنىڭ باش ۋالىيسى بولغان. 1945 - يىلىدىن كېيىن فرانسىيىدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان.