Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
爱德华
ئىستېتىكا
ài dé huá
ئېدۋارد (پىئانىنو باللادىسى)Dدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
ài dé huá
ئېدۋارد
دۇنيا تارىخى
ئېدۋارد
(1) ئېدۋارد (توۋا قىلغۇچى، تەخمىنەن 1003 - 1066). ئەنگلىيە كورۇلى (1042 - 1066). ئەنگلىيە كورۇلى ئاتېلېت (دەلتى) بىلەن نورماندى مەلىكىسىنىڭ ئېمىنىڭ ئوغلى. دىنغا بەك ئېتىقاد قىلغانلىقتىن <توۋا قىلغۇچى> دەپ نام ئالغان. لوندوندىكى مەشھۇر ۋېستمىنىستېر چېركاۋى شۇنىڭ ئۈچۈن سېلىنغان. ئۇزاق ۋاقىت نورماندى ئوردىسىدا تۇرغان. تەختتە ئولتۇرغاندىن كېيىن، كورۇل ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتىش، يەرلىك كۈچلەرنى بېسىش ئۈچۈن، نورمان دىنىدىكى ئاقسۆڭەكلەرنى تاللاپ مۇھىم ۋەزىرلىككە ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك مىسسىئونېرلىققا تەيىنلەنگەن ھەم ئۇلارغا نۇرغۇن يەرلەرنى ھەدىيە قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئانگلو - ساكسۇن ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. 1051 - يىلى ئەڭ چوڭ ئاقسۆڭەك غەربىي ساكىس گرافى گودۋىننى مال - مۈلكىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغان. نورماندى كىنەزى ۋىليامنى تەخت ۋارىسى قىلىپ بەلگىلىگەن. ئىككىنچى يىلى گودۋىن ئاقسۆڭەكلەر توپىلىڭىنى قوزغىغان، ئېدۋارد ئۇنىڭ ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مەجبور بولغان ھەمدە ئوردىدىكى نورمان ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ تولىسىنى مەنسەپتىن قالدۇرغان. 1066 - يىلى 1 - ئايدا ئېدۋارد ئۆلگەندىن كېيىن تەخت ۋارىسى بولمىغانلىقتىن، گودۋىننىڭ چوڭ ئوغلى ھارولد ۋارىسلىق قىلغان. (2) ئېدۋار (قارا شاھزادە، 1330 - 1376) ئەنگلىيە شاھزادىسى، ئۇنىڭ دادىسى ئېدۋارد Ⅲ. ئۇ دائىم قارا رەڭلىك دۇبۇلغا كىيىپ يۈرگەچكە، <قارا شاھزادە> دەپ ئاتالغان. قوشۇمچە چىستېر (ئەنگلىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا) گرافى، كورنۋالل (ئەنگلىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدا) كىنەزى، ۋېللىس شاھزادىسى، ئاكويتان شاھزادىسى ۋە گاسكوۋن شاھزادىسى قاتارلىق مەرتىۋىلەرگە ئىگە بولغان. ئەنگلىيە - فرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى 100 يىللىق ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1356 - يىلى پوئىتىئېر جېڭىدە فرانسىيە قوشۇنلىرىنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان، فرانسىيەكورۇلى جۇن Ⅱ نى ئەسىر ئالغان. 1367 - يىلى ئەسكەر باشلاپ ئىسپانىيىگە كىرىپ، كاستىلنىڭ تەخت تالىشىشىغا ئارىلاشقان. فرانسىيىگە قايتقاندىن كېيىن، 1369 - يىلى ئەسكەر باشلاپ بېرىپ لىموگېس شەھىرى (فرانسىيەنىڭ ئوتتۇرا غەربىدە) نى بۇلاڭ - تالاڭ قىلغان.