UyghurMain Dictionary
زۇلۇ ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
ئەنگىلىيە - زۇلۇ ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1879 - يىلى ئەنگىلىيە جەنۇبىي ئافرىقىدىكى زۇلۇلارنىڭ زېمىنىنى بېسىۋېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇش. زۇلۇلار بانتۇ مىللىتىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا زۇلۇ خانلىقى بولۇپ بىرلىككە كەلگەن. 1837 - 1867 - يىللىرى، ئەنگىلىيە ۋە بۇر مۇستەملىكىچىلىرى زۇلۇلارغا جەنۇب ۋە شىمالدىن كۆپ قېتىم قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆپلىگەن يەرلىرىنى ئىشغال قىلىۋېلىپ، نۇرغۇنلىغان پىل چىشى ۋە مال - چارۋىلىرىنى بۇلاپ كەتكەن. 1878 - يىلى زۇلۇلارنىڭ سەردارى سېتشىۋايو ئەنگىلىيەنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى رەت قىلغان. 1879 - يىلى 7 - ئايدا ئەنگىلىيە ئۇرۇش قوزغاپ، ئۇرۇندىدا زۇلۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، زۇلۇلاندنى 13 كىچىك بەگلىككە بۆلىۋەتكەن. 1887 - يىلى زۇلۇلاندنى پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىپ، ئۇنى ئەنگىلىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەت دەپ رەسمى جاكارلىغان. 1897 - يىلى بۇ يەر ناتالغا قوشۇۋېتىلگەن.