UyghurMain Dictionary
زۇلۇم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
«زۇلم» غا قاراڭ.
جوھۇد دېدى: باردۇر بۇلاردا پۇلۇم،
بېرەلمەس پۇلۇمنى قىلۇرمەن زۇلۇم.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارغا، زالىملارنىڭ مەزلۇملارغا، ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچىلارغا سالىدىغان جەبىر - جاپاسى؛ شەپقەتسىز ئېزىش؛ ئىستىبداتلىق.
مىللىي زۇلۇم. سىنىپىي زۇلۇم.
زۇلۇم زىنداندىن يامان (ماقال).
ئومۇمەن جەبىر - جاپا، مۇشەققەت.
زۇلۇم سالماق. كۈنداشلىق زۇلۇم.