UyghurMain Dictionary
زىناخورلۇق گۇناھى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ئېغىر گۇناھلارنىڭ بىرى. ئەر - خوتۇنلار ياكى قۇلدارلارنىڭ ئۆز ئىلكىدىكى ئايال قۇللار بىلەن مۇناسىۋىتىدىن باشقا، ھەممە جىنسىي قىلمىشلاردىن بۇ گۇناھ شەكىللىنىدۇ. بۇنىڭغا مۇقىم جازا بېرىلىدۇ. <قۇرئان كەرىم> دە مۇنداق دېيىلگەن: <زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەربىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇڭلار، ئەگەر سىلەر ئاللاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدىغان بولساڭلار، ئاللانىڭ دىنىنىڭ (ئەھكامىنى ئىجرا قىلىشتا) ئۇلارغا رەھىم قىلماڭلار...> (24 - سۈرىنىڭ 2 - ئايىتىدىن). گۇناھكارنىڭ سالاھىيىتىگە ۋە نىكاھلىنىش ئەھۋالىغا قاراپ جازا پەرقلىق بولىدۇ. نىكاھلانغان ھۆر ئادەم زىنا قىلسا، يۈز دەررە ئۇرۇلىدۇ ۋە چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ؛ نىكاھلانمىغان ئادەم زىنا قىلسا يۈز دەررە ئۇرۇلىدۇ ۋە بىر يىل سۈرگۈن قىلىنىدۇ؛ قۇل زىنا قىلسا 50 دەررە ئۇرۇلىدۇ. ئوخشىمىغان فىقھىيىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەندۈرۈشى سەل پەرقلىنىدۇ.