UyghurMain Dictionary
زىموگېن
بىئولوگىيە
ئېنزىمنىڭ ئالدىنقى تەنچىسىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ كىچىك مولېكۇلىلىق ماددىلار ياكى ئېنزىمنىڭ ئاكتىپلاشتۇرۇشى بىلەنلا ئاكتىپلىققا ئىگە ئېنزىمغا ئايلىنىدۇ. بۇ جەريان <زىموگېننىڭ ئاكتىپلىشىشى> دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ پېپتىد زەنجىرى ئۈزۈلگەنلىكتىن، بوشلۇقتىكى تۈزۈلۈشنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە گۇرۇپپىلارنىڭ ئورنى تەڭشىلىپ ئورنىنىڭ قايتىدىن قۇرۇلغانلىقىدىن بولىدۇ، مەسىلەن، پېپسىنوگېن نىڭ ئاكتىپلاشتۇرۇشى بىلەن 42 - ۋە 43 - ئامىنو كىسلاتالىرى ئارىلىقىدىكى پېپتىد بېغى ئۈزۈلۈش بىلەن 42 دانە ئامىنو كىسلاتا قالدۇقى چىقىرىپ تاشلىنىپ، كاتالىزلاش ئاكتىپلىقىغا ئىگە پېپسىن (مولېكۇلا ئېغىرلىقى 36) مىڭ گە ئايلىنىدۇ. ئاكتىپ پېپسىن قايتا ئۆزىنىمۇ ئاكتىپلاشتۇرالايدۇ. يەنە مەسىلەن، ئاشقازان ئاستى بېزى پېپسنوگىنى ئۈچەي كىنازىسىنىڭ تەسىرىدە بىر كىسلاتالىق 6 پېپتېدلىق بۆلىكىنى چىقىرىپ تاشلىغاندىن كېيىن كونفورماتسىيىسى ئۆزگىرىپ پېپتىد زەنجىرىنىڭ بۇرمىلىنىش دەرىجىسى ئاشىدۇ، بۇ چاغدا Ser 177, Try 193 بىلەن HiS 40, ASP 34 لەر ئۆز ئارا يېقىنلىشىش بىلەن ئاكتىپ مەركىزىي قايتىدىن قۇرۇلۇپ، ئاندىن ئېنزىمنىڭ كاتالىزلاش ئاكتىپلىقى ئىپادىلىنىدۇ.