Chinese→UyghurMain Dictionary
注意的动摇
پسىخولوگىيە
دىققەتنىڭ تەۋرىنىشى
بۇ دىققەتنىڭ ئاساسىي قانۇنى. جىمجىت شارائىتتا يانچۇق سائىتىنىڭ چىكىلىدىشىغا قۇلاق سالغاندا سائەتنىڭ چىكلدىشى ئاستىلاپ، توختاپ قالىدۇ، بىردەمدىن كېيىن سائەت يەنە چىكىلداشقا باشلايدۇ. ئاڭلاپ ئىدراك قىلىشىتىكى مۇنداق ئۆزگىرىش دىققەتنىڭ تەۋرىنىشىنىڭ نەتىجىسى. دىققەتنىڭ تەۋرىنىش ھادىسىسىنى سىرتقى رېتسېپتورلار بىلەن مەركىزىي رايوندا يۈز بەرگەن ماسلىشىش (كۆنۈكۈش) جەريانى پەيدا قىلغان. ماسلىشىش يەنى كۆنۈكۈش رېتسېپتورلارنىڭ سېزىمچانلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. لېكىن رېتسېپتورلارنىڭ ئەسلىگە كېلىش جەريانى ئارقىلىق ياكى چىكىلدىغان ئاۋاز يەنە يېڭى سەزگۈ ھۈجەيرىلىرىگە تەسىر قىلىشى ئارقىلىق سېزىمچانلىق قايتا يۈكسىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دەۋرىي ھالدا تەۋرىنىش ھادىسىسى پەيدا بولىدۇ.