Chinese→UyghurMain Dictionary
注意转移
مائارىپ
zhù yì zhuǎn yí
دىققەتنىڭ يۆتكىلىشى، دىققەت يۆتكىلىشDتەنتەربىيە
zhù yì zhuǎn yí
دىققەتنى بۇراش
پسىخولوگىيە
دىققەتنىڭ كۆچۇشچانلىقى
دىققەتنى بىر ئوبيېكتتىن ئىككىنچى بىر ئوبيېكتقا كۆچۇرگىلى بولىدۇ. مانا بۇ دىققەتنىڭ كۆچۇشچانلىقىدۇر. دىققەتنىڭ كۆچۇشى دىققەتنىڭ چېچىلىشىغا ئوخشىمايدۇ. دىققەتنىڭ كۆچۇشى يېڭى ۋەزىپىگە ئاساسەن، دىققەتنى ئاڭلىق ھالدا بىر ئوبيېكتتىن باشقا بىر ئوبيېكتقا يۆتكەش بولۇپ، دىققەتنىڭ چېچلىشى بولسا، ئىختىيارسىز، ئىچكى - تاشقى كاشىلىلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كۆڭۈلنىڭ بۆلۈنۈشىدىن ئىبارەت.
دىققەتنىڭ كۆچۇشىنىڭ تېز - ئاستىلىقى، تەس ياكى ئوڭايلىقى ئەسلىدىكى دىققەتنىڭ جىددىيلىك دەرىجىسى ۋە يېڭى شەيئى، يېڭى پائالىيەتنىڭ خاركتېرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەسلىدىكى دىققەتنىڭ جىددىيلىك دەرىجىسى قانچە يۇقىرى، ئەسلىدىكى پائالىيەتكە بولغان قىزىقىش قانچە كۇچلۈك بولسا، دىققەتنىڭ كۆچۇشى شۇنچە تەس بولىدۇ. يېڭى پائالىيەت دىققەتنى قوزغاش شەرتىگە ئۇيغۇن بولمىسىمۇ، دىققەتنىڭ كۆچۇشى تەس ھەم ئاستا بولىدۇ.
دىققەتنىڭ كۆچۇشىنىڭ تېز - ئاستىلىقى ۋە ئوڭاي - تەسلىكى ئادەمنىڭ دىققەتنى كۆچۇرۇش قابىليىتىگە باغلىق. نېرۋا جەريانى بىر قەدەر جانلىق ئادەمنىڭ دىققىتىنىڭ كۆچۇشى تېز ۋە ئاسان بولىدۇ.