UyghurMain Dictionary
زەيد ئىبنى سابىت
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىدىكى ساھابىلەرنىڭ بىرى. مەدىنىلىك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كاتىب بولغان. ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى دەۋرىدە بۇيرۇق بويىچە <قۇرئان كەرىم> نى توپلاش - رەتلەشكە مەسئۇل بولغان. سۆڭەكلەرگە، تېرىلەرگە، خورما يوپۇرماقلىرىغا، تاشلارغا يېزىپ قويۇلغان ۋە ساھابىلارنىڭ يادىدا قالغان سۈرىلەرنى يىغىپ كۆچۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىنىڭ ساقلىشىغا تاپشۇرغان؛ ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىدە بۇيرۇق بويىچە ئابدۇللا بىننى زۇبەيرە بىلەب بىرلىكتە <قۇرئان كەرىم> نى تۈزىتىپ تەھرىرلەشكە مەسئۇل بولدى. <قۇرئان كەرىم> نىڭ بۇ نۇسخىسى، يەنى ھازىرقى نۇسخسى <ئوسمانىيە نۇسخسى> دەپ ئاتالدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ھەزرىتى ئۆمەر، ھەزرىتى ئوسمان، ھەزرىتى ئەلى دەۋرلىرىدە فىقھە، ئەھكام، تەجۋىد قائىدىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى نوپۇز ئىگىلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.