UyghurMain Dictionary
زەيد بىننى ھارىسە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(575 - 629)مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئازاد قىلغان قۇلى ۋە ئاسراندى ئوغلى. بۈۋى خەدىچە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بەرگەن قول. كېيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئازاد قىلۋەتتى ۋە ئاسراندى ئوغۇل قىلىۋالدى. زەيد ھەممىدىن بۇرۇن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدى. بەدرى غازىتى، ئوھۇد غازىتى، خەندەك غازىتى قاتارلىق غازاتلارغا قاتناشتى. جەڭدىكى باتۇرلۇقى ۋە ماھىرلىقى بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن ماختالدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سەپەرگە ئاتلانغاندا ئۇنى قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ مەدىنىنى ساقلاشقا بۇيرۇدى. 629 - يىلى 3 مىڭ ئادەمگە قوماندانلىق قىلىپ، سۈرىيىنىڭ چېگرا شەھرى موتاغا ھۇجۇم قىلىپ شەھەرنى ئالالماي، شېھىت بولدى. خوتۇنى زەينەبنى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، زەينەب مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەگدى. <قۇرئان كەرىم> دە مۇنداق دېيىلىدۇ: <مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ بالا قىلىۋالغان ئوغۇللىرىنىڭ قويۇپ بەرگەن خوتۇنلىرىنى نىكاھلاپ ئالسا گۇناھ بولماسلىقى ئۈچۈن، زەينەبنى زەيد قويۇۋەتكەندىن كېيىن ساڭا نىكاھلاپ بەردۇق، ئاللانىڭ (سېنىڭ زەينەبنى ئېلىشىڭ توغرىسىدىكى) ئەمرى چوقۇم ئورۇندىلىدۇ> (33 - سۈرىنىڭ 37 - ئايىتى). زەيد بىننى ھارىسە <قۇرئان كەرىم> دە تىلغا ئېلىنغان تارىخىي شەخسلەرنىڭ بىرىدۇر.