UyghurMain Dictionary
زاگرېب خىتابنامىسى
دۇنيا تارىخى
1932 - 1933 - يىللىرى يوگوسلاۋىيە مىللەتپەرۋەرلىرى مەملىكەت ئىچىدىكى سىياسىي ۋە مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىپ ئوتتۇرغا قويغان ھۆججەت. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمونى: خەلق ھوقۇقى مەسلىكى ھوقۇقىنى يولغا قويۇش؛ دېھقانلارنى قوغداش؛ سېربىيەنىڭ زومىگەرلىك ئورنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ 1918 - يىلدىكى ھالەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ھەر تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە ئىتىبار بىرىش ئاساسىدا دۆلەتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىش، شۇنىڭ بىلەن سېربىيە، كرودىيە ۋە سىلوۋىنىيە مىللەتلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت. خورۋاتلار باشچىلىقىدىكى ئون مىللەتپەرۋەت يولباشچى خىتابنامىگە ئىمزا قويغان. خىتابنامە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، كرودىيە، سلوۋىنىيە، ۋويىۋودىنا ۋە بوسىنىيەگېرتسېگوۋىنا جايلاردىكى مىللەتپەرۋەرلەر مىللىي ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇشنى ئارقائارقىدىن تەلەپ قىلغان، سېربىيە رادىكاللار پارتىيىسى ھۆكۈمىتى ئۇلارنى باستۇرغان.