UyghurMain Dictionary
زاگلۇل
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1857 - 1927) مىسىر مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسى. دەسلەپكى يىللاردا ئەزھەر داشۆسىدە ئوقۇغان، 1882 - يىلى ئەنگىليەگە قارشى ئارابى رەھبەرلىكىدىكى ھەرىكەتكە قاتناشقان، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ نەزەربەنت قىلىنغان. 1906 - 1912 - يىللىرى ئىلگىرىكېيىن بولۇپ مائارىپ مىنىستىرى، ئەدلىيە مىنستىرى بولغان. 1914 - يىلى قانۇن تۈزۈش يىغىنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1918 - يىلى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئەنگىلىيەگە بېرىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، تولۇق مۇستەقىل بولۇشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە <مىللىي تەلەپلەر ئاساسىي نىزامى> نى تەييارلىغان، ۋافد پارتىيىسىنى تەشكىل قىلغان. 1919 - يىلى مالتا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان، 4 - ئايدا قويۇپ بىرىلگەندىن كېيىن، پارىژغا بېرىپ كۈچلۈك جاھانگىر دۆلەتلەرگە مۇراجەت قىلغان. 1920 - يىلى 7 - ئايدا يەنە ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ لوندونغا بېرىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، نەتىجە ھاسىل قىلالمىغان. 1921 - يىلى 12 - ئايدا يەنە بىر قېتىم قولغا ئېلىنىپ، سېيشېل تاقىم ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. 1923 - قويۇپ بىرىلگەن. شۇ يىلى ۋافد پارتىيىسى بىرىنچى قېتىملىق پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قازىنىپ، زۇڭلى بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە بىۋاستە سايلامنى ئىككى دەرىجىلىك سايلامنىڭ ئورنىغا قويغان ھەمدە ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ كېتىش ۋە سۈۋەيش قانىلى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەنگىلىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئىگىلىك ھوقۇقىنى يوقىتىپ، دۆلەتكە ئاھانەت كەلتۈرىدىغان شەرتنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغانلىقتىن، 11 - ئايدا خىزمىتىدىن ئىستىپا بىرىشكە مەجبور بولغان.