UyghurMain Dictionary
ئىزوئېنزىم
بىئولوگىيە
ئوخشاش بىر مەنبەلىك رېئاكسىيىنى كاتالىزلايدىغان، ئەمما مولېكۇلىسىنىڭ تۈزۈلۈش تەركىبى ئوخشىمايدىغانراق بولغان بىر گۇرۇپپا ئېنزىمدۇر. ئۇ ھايۋان، ئۆسۈملۈك، مىكرو ئورگانىزملاردا كەڭ كۆلەمدە مەۋجۇت بولىدۇ. تېپىلغان ئىزوئېنزىملار ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن، ئېمىتكۈچى ھايۋانلاردىكى لاكتوزا دې گىدروگېنازا (LDH) ئىزو ئېنزىمى ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل سۇب رادىكال (بىرى M تىپلىق، يەنە بىرى مۇسكۇل تىپلىق، يەنە بىرى H تىپلىق، يەنە يۈرەك مۇسكۇل تىپلىق) دىنتۈزۈلگەن تېترامىردۇر. ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا H 4, H3M, H2M2, H1M3, M4 لەردىن ئىبارەت بەش خىل شەكىلدىكى ئىزو ئېنزىملارنى تۈزىدۇ، ئېلېكترو فورېزدا ناھايىتى ئاسان ئايرىلىدۇ، سېرولوگىيىلىك ۋە فىزىكا، خىمىيىلىك خۇسۇسىيەتلىرى پۈتۈنلەي پەرقلىنىدۇ. يۈرەك مۇسكۇل تىپلىقى ئاساسەن H تىپلىق (H4) بولۇپ، سۆڭەك مۇسكۇل تىپلىقىنىڭ تەركىبىدە M4 كۆپرەك بولىدۇ. بۇ ئىككى خىل ئىزو ئېنزىم پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان خۇسۇسيەت - ھالەتلەرگە ئىگە. كونسېنتراتسىيىسى تۆۋەن بولغان پروۋىك كىسلاتانىڭ H تىپلىققا نىسبەتەن تورمۇزلاش رولى بار، M تىپلىقىغا بولسا، كونسېنتراتسىيىسى خېلى يۇقىرى بولغاندىلا ئاندىن تەسىر قىلىدۇ، بۇ ئىزوئېنزىمنىڭ تەڭشىگۈچى ئېنزىملىق ئالاھىدىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. LDH ئىزوئېنزىمنىڭ ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل پېپتىد زەنجىرى ئوخشىمايدىغان گېنلارنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدۇ، تۆرەلمىنىڭ يېتىلىشىدىكى دىففېرېنسىيىلىنىش جەريانىدا ھەر خىل LDH ئىزوئېنزىملارنىڭ سېلىشتۇرما نىسبىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئىزئېنزىملارنىڭ كلىنىكىدا دىئاگنوز قويۇشتا ئىشلىتىلمەكتە، مەسىلەن، جىگەر راكىغا گىرىپتار بولغۇچىدا ۋە جىددىي خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى بولغان كىشىلەردە، M4 تىپلىقى، ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلاردا H1M3 تىپلىقى يۇقىرىلاپ كېتىدۇ.